ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان لىتىي مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
2023.08.11
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالىخاندىرو مايوركاس (Alejandro N. Mayorkas) قا خەت يېزىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان لىتىي مەھسۇلاتلىرىغا تايىنىپ قېلىشىنىڭ خەتىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. ماركۇ رۇبىيو (Marco Rubio)، جونى ئېرنىست (Joni K. Ernst)، رىك سكوت (Rick Scott) قاتارلىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى 10-ئاۋغۇست ئالىخاندىرو مايوركاسقا يوللىغان خېتىدە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرلىق ئاپتوموبىل باتارىيەسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولغان «نىڭدې زامان تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتى» (CATL) نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا چېتىشلىق لىتىي مەھسۇلاتلىرىنى مەنبەئە قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ خېتىدە ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئامېرىكانىڭ فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ «نىڭدې زامان تېخنولوگىيە شىركىتى» بىلەن شېرىكلىشىپ ئورتاق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى قۇرۇشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكانىڭ قۇللار ئەمگىكىدە بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ھەرىكىتىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق ھېسابلىنىدىكەن.
خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزچە، نىڭدې زامان تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ لىتىيلىق باتارىيەلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ مەجبۇرى ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ئامېرىكا قانۇنىغا ئاساسلانغاندىمۇ مەجبۇرى ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلغان، دەپ ھېسابلانماقتا.»
پالاتا ئەزالىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، «نىڭدې زامان تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «شىنجاڭ جىسۈن لىتىي شىركىتى» بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلەش-تەمىنلىنىش مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، «شىنجاڭ جىسۈن لىتىي شىركىتى» ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا چېتىشلىق ئىكەن. فورد شىركىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ «نىڭدې زامان تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتى» بىلەن 3 مىليارد 500 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، مىچىگان شتاتىدا ئورتاق ئېلېكتىرلىق ئاپتوموبىل باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
فورد شىركىتى «نېڭدې زامان» بىلەن بولغان ئورتاق ھەمكارلىق تۈرىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ لىتىي ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىن بىرى بولغان چارقىلىق ناھىيەسىنىڭ لوپنۇر كۆلى سانائەت باغچىسى ۋە يېڭى ماتېرىياللار ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، لىتىي ئىشلەپچىقىرىشىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئالغا سۈرۈشنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئېيتىشىچە، «نىڭدې زامان شىركىتى» نىڭ لىتىي تەمىنلەش زەنجىرى ئېنىقسىز بولۇپ، ئۇنىڭ «شىنجاڭ جىسۈن لىتىي شىركىتى» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇ شىركەتنىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرى تۇتۇپ قېلىنمىغان تەقدىردىمۇ، جىددىي تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.