دۇنيادىكى ئېلېكترلىك ماشىنىلارنىڭ باتارېيەسىنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان لىتىي كاربونات نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مونوپول قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ئەڭ مۇھىم خام ئەشيالاردىن بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى كورلانىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدە خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ ئىش باشلىغان.
خىتاينىڭ خەلقئارا تەشۋىقات كۆزنىكى بولغان «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» (CGTN) نىڭ 3-ئىيۇل كۈنى چىقارغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولغان لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ ئىش باشلىغان. ئۇ بايىنغولىن ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى تاماملانغاندا، يىلىغا 120 مىڭ توننا لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىدىغان، خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىدىكەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 3-ئىيۇل كۈنى چىقارغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە خىتاي دائىرىلىرى لىتىي باتارېيەسىگە مۇناسىۋەتلىك تۆمۈر-لىتىي، مەنپىي ئېلېكترود، ئېلېكترولىز ئېرىتمىسى، ئىزولياتسىيە (ئايرىش) پەردىسى قاتارلىق سانائەت تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە «شىنجاڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش» كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىكەن.
لىتىي كاربونات ئېلېكترلىك ماشىنىلار ۋە باشقا ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ساقلىغۇچلارغا ئىشلىتىلىدىغان لىتىي-ئىئون باتارېيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ، چاقىلىق ناھىيەسىدە 1 مىليون 200 مىڭ توننا لىتىي كاربونات زاپىسى بارلىقى مۆلچەرلەنگەن. بۇ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ كۆلىمىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق لىتىي كاربونات، لىتىي-تۆمۈر بايلىقىنى كۆزلىگەنلىكى، ھەممە جاينى قىدىرىپ تەكشۈرۈپ ھەم ئېچىپ قېزىپ، مەزكۇر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا توشۇيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىكەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ لىتىي خام ئەشياسىنى ئىگىلەش نەپسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، 2022-يىل خىتاي ئىشلەپچىقارغان لىتىي-ئىئون باتارېيەسى دۇنيادىكى مۇشۇ خىل باتارېيە بازىرىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. بۇ يىل 1-ئايدا، 2 خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئادەم ئافغانىستاندا لىتىي ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغاندا تۇتۇلۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ كۈنتاختا ياساش بازىلىرىدا بىرىكمە كىرىستاللىق لىتىي ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرى ئارىلاشقان بولۇپ، بۇ لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا يەنە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.