نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ قېينئىنىسىنىڭ ئەرزى رەت قىىنلدى

بېيجىڭ خۇايراۋ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى 2010‏- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ قېينئىنىسىنىڭ قاماق جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مەزكۇر مەھكىمىگە سۇنغان ئەرزىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن 11 يىللىق قاماق جازاسىنى كۈچىگە ئىگە، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى بۇ يىل 6‏- ئايدا ليۇ شياۋبونىڭ قېينئىنىسى ليۇ خۇينى «ئالدامچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ، 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بىراق، ليۇ خۇي سوتنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بېيجىڭ خۇايراۋ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان ئىدى.

ليۇ خۇينىڭ ئادۋوكاتى مو شاۋپىڭ سوتنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سوتنىڭ ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچىگە ئىگە، دەپ قارار چىقىرىشى ئادالەتسىزلىك، دېگەن.

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى غەربلىك دىپلوماتلار سوتنىڭ قارارى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبوغا ئالاقىدار ۋە «سىياىسى مەقسەدلىك قارار» ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبونى «ئاغدۇرمىچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئايالى ليۇ شاۋنى ئۇزۇندىن بۇيان نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىدى. بۇ نۆۋەت ليۇ شيانىڭ ئىنىسىنى «ئالدامچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شياۋبو ئائىلىسىدىن ئۆچ ئېلىۋاتقاندەك تەسىرات پەيدا قىلغان.

بېيجىڭدىكى غەربلىك دىپلوماتلار ليۇ خۇينىڭ سوتىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق سوت ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.