ما شىڭرۇي قەدىمكى كۈسەن مەدەنىيىتىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا تەتبىقلاشنى تەلەپ قىلغان
2024.01.02
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانى بولغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى بۇددىزم دەۋرىدىكى كۈسەن مەدەنىيىتى بىلەن تەتبىقلاش ھەم يۇغۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۇي بۇ تەلەپنى 31-دېكابىر يېڭى يىل ھارپىسىدا كۇچا قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئوتتۇرىغا قويغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2-يانۋار كۈنى بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ما شىڭرۇي 31-دېكابىر كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ جايلاردىكى ئېنېرگىيە بايلىقى ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتلەردىن «دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىشى» نى، مەزكۇر رايوندا «دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئىستراتېگىيەلىك كاپالەتلىك قىلىش بازىسى بەرپا قىلىش قەتئىي قوللاش» نى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ما شىڭرۇينىڭ بايىنغولىن ئوبلاستى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى، ئۇنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سالغان توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى ۋە كۈنتاختا ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى قاتتىق چۈشۈپ كېتىپ، رايوندىكى يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى سانائىتى جىددىي رىقابەتكە دۇچ كەلگەن بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان. بولۇپمۇ ما شىڭرۇي «كۇچا تارىخى مەدەنىيەت شەھەرلىرى كۆرگەزمە زالى» ۋە كۇچا كوناشەھرىنى قايتا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، قەدىمكى كۈسەن بۇددىزم مەدەنىيىتىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى بەرپا قىلىش» قا تەتبىقلاپ، ئۇنى «كىشىلەر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا تەسىر كۆرسىتىش» نى تەلەپ قىلىشى دىققەت قوزغىدى. ما شىڭرۇي سۆزىدە، «كۇچا مەدەنىيىتى تەتقىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۇچانىڭ مول تارىخىي ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش؛ ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى›نى ھەقىقىي جىسىم، ھەقىقىي كۆرۈنۈش ۋە پاكىتلار ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان كۇچانىڭ قەدىمكى كوناشەھەر رەستىسىنى خىتاينىڭ كونا سۇلالىلەر دەۋرىدىكى پايتەختى چاڭئەن شەھىرىنىڭ شەكلىدە ياساپ چىقماقچى بولغان ئىدى.