ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي 2022-يىلىدىكى تۇنجى خىزمەت كۈنى بولغان 4-يانۋاردا شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا بېرىپ «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىجرا قىلىش ھەمدە كۆمۈر-خىمىيە سانائىتىنى پىلانلىق راۋاجلاندۇرۇش» ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۇي بۇ قېتىمقى خىزمەت تەكشۈرۈشىدە كۆمۈر قېزىش، كۆمۈرنى ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇپ ئىچكىرىگە يۆتكەش، شۇنداقلا «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يۆتكەش قۇرۇلۇشى» نى تېخىمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيتىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكى خىتايدىكى تۆت چوڭ كۆمۈر بازىسىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ھالبۇكى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىن قېزىلىۋاتقان كۆمۈرلەرنىڭ بىرقىسمى بىۋاسىتە ئىچكىرىگە توشۇپ كېتىلگەن بولسا، يەنە زور بىر قىسمى شۇ جايدا كۆيدۈرۈلۈپ كۆمۈر گازىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئىچكىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنىدى. بۇ خىلدىكى ئېنېرگىيە قېزىش ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش ئۈچۈن كۆمۈر ئېلىشقا قۇربى يەتمەي زىمىستاندا قىينىلىۋاتقانلىقى يىللاردىن بۇيان ھەممىگە مەلۇملۇق پاكىتلاردىن بولۇپ كەلگەنىدى.