مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم: «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.04.03

2018-يىلى خىتايدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئەنۋەر ئىبراھىم، مالايسىيا باش مىنىستىرى سۈپىتى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە ئىلگىرىكى سۆزلىرىگە قارشى ھالدا، «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

2022 يىلى 11-ئايدا مالايسىيانىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان ئەنۋەر ئىبراھىم، 29-مارتتىن 1-ئاپرىلغاچە داۋاملاشقان زىتاي زىيارتىدە خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى ئاستىدا مالايسىيانىڭ شەرقىي دېڭىز ساھىلى تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مالايسىيا-خىتاي سودا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغان.

مالايسىيا «يۇلتۇز» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا خىتاينىڭ «يەرلىك ئىشچىلارنى ئىشلىتىشكە قوشۇلغانلىقى»، بۇنىڭ «باشقا بارلىق قۇرۇلۇشلارغىمۇ تەدبىقلىنىدىغانلىقى»، ئىككى تەرەپنىڭ ئاپتوموبىل ۋە ھالال مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ساھەلەردىمۇ ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مالايسىيا تاراتقۇلىرىدا ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ 1-ئاپرىل كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇرلار توغرىلىق توختالغان-توختالمىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمى تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئاخباراتىدا، ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ مالايسىيا داۋاملىق «بىر خىتاي سىياسىتى» دە چىڭ تۇرىدۇ. شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئەنۋەر ئىبراھىم 2018-يىلى مالايسىيا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغاندا «نىكىي ئاسىيا» تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇ بېيجىڭنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى. مالايسىيا «يۇلتۇز» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەنۋەر ئىبراھىم بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە يەنە خىتاينىڭ مالايسىياغا 170 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ۋەدىسىگىمۇ ئېرىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.