ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى قارمىقىدىكى ئىستىخبارات كومىتېتى 18-ماي كۈنى سابىق رەئىس رىچارد بۇرنىڭ ئىستېپانامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىگە كۆرسىتىلدى.
«بۈگۈنكى ئامېرىكا» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 18-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسىنى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بېكىتىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى رەھبەر مىچ مەككونېل بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى بۇ قارارنى چىقارغان. كۆپچىلىك بۇنى ناھايىتى جايىدا ئىش بولدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىچ مەككونېل بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆز قىلىپ؛ «ماركو رۇبيونىڭ ئاللىقاچان سىناقلاردىن ئۆتكەن رەھبەرلىك قابىلىيىتى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ بۇ ئورۇنغا مۇۋاپىق كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتى 1976-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىخبارات خىزمەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش، كېڭەش پالاتاسىغا بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەلىرى ۋە دوكلاتلارنى سۇنۇشقا مەسئۇل ئىكەن. ئادەتتە كومىتېت تەركىبىدە 15 كىشى بولۇپ، بۇلار ئىستىخبارات دوكلاتلىرى، خامچوت ۋە ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىنى تەپتىش قىلىدىكەن. شۇنداقلا قەرەللىك تۈردە بۇ جەھەتتىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدىكەن.
يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى كەسكىن تەنقىدلىشى، شۇنىڭدەك «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇۋاتقان سىياسىيونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىم مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىگە كۆرسىتىلىشى كۆپلىگەن كىشىلەرنى مەمنۇن قىلغانلىقى مەلۇم.