ماركو رۇبيو 2021-يىلىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈن كۈچ چىقارماقچى بولدى
2020.12.23
يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەڭ كۈچلۈك تەكىتلەپ كەلگەن كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبيو 23-دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ 2021-يىللىق خىزمەتلىرىگە لازىملىق مەبلەغ ۋە خىراجەتلەرنى كېپىللىككە ئىگە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى بولسا ئۇ بۇ ھەقتىكى مەبلەغ ئۇقتۇرىشىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ بىر قىسىمى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشكە سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ماركو رۇبيونىڭ تور بېتىدىكى ئۇقتۇرۇشتا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدە ھازىر تاغدەك ئىسپاتلار يىغىلىپ بولدى. ئەمدى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق قارار ئېلىش پەيتى يېتىپ كەلدى» دېيىلىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا ماركو رۇبيونىڭ 2021-يىلىدا يەنە «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقى، بولۇپمۇ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قايسى خاراكتېردىكى زۇلۇم بولىدىغانلىقى ھەققىدە قارار ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي كومپارتىيەسى 21-ئەسىرگە ۋە دۇنيا دېموكراتىيەسىگە تۈرلۈك جىنايەتلەر ئارقىلىق خىرىس قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى داۋام قىلدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم» دېگەن.