ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا يۇقۇمنى تىزگىنلەش ھەمدە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ما شىڭرۈي 8-نويابىر كۈنى سىن ئارقىلىق ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە «شىنجاڭ دېگەن بىر شاھمات تاختىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ بولسا بۇ شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى» دېگەن ئىبارىنى قوللانغان. ئۇ سۆزىدە، جەنۇب ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم ۋەزىيتىنى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويماسلىقىنى تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۈي سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يوشۇرۇن خەۋپلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ۋە تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنى قەتئىي چىڭىتىش، شۇنداقلا مۇقىملىقنى قوغداش قەدىمىنى تېزلىتىش» ھەققىدىمۇ كۆرسەتمە بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقۇمنى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە، مۇقىملىق ۋە ئاتالمىش «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» خىزمەتلىرىنى بۇنچە كۈچەپ تەرغىپ قىلىشى ،دىققەت قوزغىماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدا 4 ئايدىن بۇيان قاتتىق قوللۇق بىلەن داۋام قىلىۋاتقان يۇقۇم تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا زور قېيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىگە سەۋەب بولماقتا ئىدى. بۇ ھەقتە تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالماقتا. يېقىندا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان قامال تەدبىرلىرىگە چىدىمىغان ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغانلىقى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەل قىلغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تارقاتقان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقۇم قامال تەدبىرلىرىگە قوزغىلىۋاتقان نارازىلىقلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن دائىرىلەر بىر قىسىم جايلارنى ئاستا - ئاستا قويۇۋېتىشكە باشلىغان بولسىمۇ، بىراق 8-نويابىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن يۇقۇم قامالى ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر رايونىدا، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنى تىزگىنلەش ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. شۇ كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن جىڭشۈەن: «ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش جېڭى ھالقىلىق پەيتتە تۇرماقتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتى مۈشكۈل ۋە مۇرەككەپ» دېگەن.