قاراقاش ناھىيەسىدىكى 69 نۇقتىدا مەبلەغ باشقۇرۇشقا نازارەتچىلىك قىلىش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.12.29

يېقىنقى مەزگىللەردە پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا ئەۋج ئالغان «يېزىلاردىكى كوللېكتىپقا تەۋە مەبلەغ، مال-مۈلۈك ۋە بايلىقنى دەرىجە بويىچە نازارەت قىلىش» شامىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەردە كەڭ ئومۇملاشقان. شۇ قاتاردا قاراقاش ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزىلار تەۋەسىدە يېزا كوللېكتىپىغا تەۋە مەبلەغ، مال-مۈلۈك ۋە بايلىقنى نازارەت قىلىش نۇقتىسى 69 جايدا تەسىس قىلىنغان.

خىتاي «مەركىزىي رېۋىزىيە كومىتېتى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېزىلارغا ئاجرىتىلغان تۈرلۈك مەبلەغ ھەمدە كوللېكتىپقا مەنسۇپ بايلىقلار يېقىنقى مەزگىللەردە نازارەتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم يېزا رەھبەرلىرىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەن. بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە بۇنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش شامىلى چىققان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىمۇ شۇ قاتاردا 29-دېكابىر كۈنى مۇشۇ خىلدىكى مەبلەغنى يۇتۇۋېلىش ياكى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قىلمىشىغا دائىر ئالتە دېلونى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، پارىخورلۇق پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدىكى ئەمەلدارلار ئۈچۈن كەڭ ئومۇملاشقان پۇل تېپىش ۋاستىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېر سىستېمىسى باشلانغاندىن بۇيان، يېزا-ئىگىلىك ساھەسىدە ئالدىن بېيىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ باغ-ۋارانلىرى، تېرىلغۇ يەرلىرى ۋە باشقا بايلىقلىرى كوللېكتىپ نامىغا ئۆتكۈزىۋېلىنغان ئىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كوللېكتىپقا تەۋە بايلىقلارنى نازارەت قىلىش ھەققىدىكى خەۋەرلىرى بۇ ھەقتە ئاشكارا بولمىغان كۆپلىگەن ھادىسىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.