ئامېرىكادىكى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا مەجبۇرىي ئەمگەككە تايانغان تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن خالىي بولۇش ھەققىدە بىر كۆرسەتمە تارقىتىلدى
2021.04.29
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 29-ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى «ئامېرىكا قۇياش ئېنېرگىيە سانائىتى جەمئىيىتى» ئامېرىكادىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا بىر يۈرۈش ئىختىيارىي كۆرسەتمە تارقاتقان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى چەتئەللەردە مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدا ئىشلەپ چىقىرىلغان زاپچاسلاردىن خالىي قىلىشنى كۆزلىمەكتىكەن.
گەرچە كۆرسەتمىدە خىتاي مەخسۇس تىلغا ئېلىنمىغان، بىراق قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان خام ماددا بولغان كۆك تاشنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى خىتاي ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىردەك ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغانلىقى ئېنىقلانغان ئىدى. ئىلگىرى بۇ ھەقتە بلۇمبېرگ قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخباراتلارمۇ خەۋەر بەرگەن بولۇپ، مىليونلاپ لاگېرغا قامالغان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئەمەلىيەتتە مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا يوللانغانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولغان ئىدى.
مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بازار ئىستراتېگىيەسىگە مەسئۇل مۇئاۋىن لىدىرى جون سمىرنوۋ رويتېرسقا سۆز قىلىپ «بىز قۇياش ئېنېرگىيەسى تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بولۇشىنى خالىمايمىز، بۇ ھەقتە ئېغىر ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز بۇنىڭغا چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمىز» دېگەن.
SEIA «ئامېرىكا قۇياش ئېنېرگىيە سانائىتى جەمئىيىتى» ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەزالىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىرغان ۋە ئەزا شىركەتلەردىن 6-ئايغىچە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي ئىكەنلىكى توغرىسىدا كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.