مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مېترو قۇرۇلۇشى ئاۋسترالىيەدە زور غۇلغۇلا قوزغىدى

«بۈگۈنكى غەربىي ئاۋسترالىيە» گېزىتىنىڭ 28-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، غەربىي ئاۋسترالىيەدىكى ئاممىۋى قاتناش دائىرىلىرى يېقىندا خىتايدىن سېتىۋالماقچى بولغان بىر مىليارت ئامېرىكا دوللىرىلىق مېترو پويېزى توختامىنى بىكار قىلىش ھەققىدە تەكلىپ تەييارلىغان. شۇنىڭدەك تەكلىپتە ئېنىق قىلىپ: «بۇ ماللارنىڭ تەييارلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ توختامنى ئىناۋەتسىز قىلىش كېرەك،» دېگەن. ئەمما بۇ تەكلىپنى قاتناش مىنىستىرلىكىدىكى بەزى كىشىلەر «بەك بالدۇر خۇلاسە چىقىرىۋېتىلگەن» دېگەن باھانە بىلەن ئاۋسترالىيە قاتناش مىنىستىرى رىتا ساففيونىڭ قولىغا تاپشۇرمىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مېترو قۇرۇلۇشىغا لازىملىق پويېزلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى «KTK» گۇرۇھى مەسئۇل بولغان بولۇپ، بۇ شىركەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەر» قارا تىزىملىكىدە بار ئىكەن. بۇ قېتىمقى توختامنى بىكار قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز بولغاندا مەزكۇر شىركەتنىڭ ۋەكىلى «بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىز خىتايدىكى ئەمگەك توختامى بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئىشقا كىرگەن خىزمەتچىلەر. بىزدە مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسى مەۋجۇت ئەمەس» دەپ تۇرۇۋالغان. ئاۋسترالىيە قاتناش مىنىستىرلىقى بولسا مېترو پويېزىنى باشقا شىركەتتىن سېتىۋېلىشنىڭ بەكلا قىممەت چۈشۈشى تۈپەيلىدىن بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى مىنىستىرغا مەلۇم قىلمىغان.

نۆۋەتتە بۇ ئەھۋال ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيەدە زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «KTK» گۇرۇھىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا نىلقا ناھىيەسىدىن ئاز دېگەندىمۇ 80 نەپەر ئىشچىنى زاۋۇتتا ئىشلەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ «يېڭىدىن خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا تۆت مىڭ كىلومېتىردىن ئوشۇق مۇساپىنى بېسىپ جياڭسۇغا كەلگەن ئىشچىلار ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى 2018-يىلى ماقۇللىغان «زامانىۋى قۇللۇقنى مەنئىي قىلىش قانۇنى» غا بىنائەن بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە ئىمپورت قىلىنىشى چەكلىنىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ئاۋستالىيە ھۆكۈمىتى جىددىي مۇزاكىرە قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا ئىكەن.