ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتايدىكى زاۋۇتىدا ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتكەن ئامېرىكا شىركىتىدىن تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان

ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان بىر قىسىم كېڭەش پالاتا ئەزالىرى يېقىندا خىتايدىكى زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكچىلىرى بارلىقى ئاشكارىلانغان ئامېرىكا شىركىتىگە خەت يېزىپ، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا چېتىلىپ قالغانلىقىغا دائىر ئەندىشىلىرىنى بايان قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېڭەش پالاتا ئەزاسى بوب مېنېندېز بىلەن جېف مېركلېي ۋە ماركو رۇبىيو قاتارلىقلار ئارىزونا شىتاتىغا جايلاشقان «ئۇنۋېرسال ئېلىكتورون مەھسۇلاتلىرى» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى پائۇل ئارلىڭغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن: «شىركەت زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شارائىتلىرىدىن ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن ئالامەتلەر تۇرسىمۇ، شىركەتنىڭ بۇنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىش ئۈچۈن بىر ھەرىكەت قوللانمىغانلىقى بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى ۋە ئەندىشىگە سالدى.»

يېقىندا رويتېرس ئاگېنتلىقى ئامېرىكادىكى تېزگىنەك ياساپ ساتىدىغان «ئۇنىۋېرسال ئېلېكتورون مەھسۇلاتلىرى» شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ چىنجوۋ شەھىرىگە جايلاشقان زاۋۇتىدا خوتەندىن يۆتكەپ كېلىنگەن 400 گە يېقىن ئۇيغۇر بارلىقىنى ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنى يۆتكەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونلۇق دائىرىلەر بىلەن توختام تۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئەينى چاغدا شىركەت بۇ ئىشچىلارنى بىر ۋاستىچى ئارقىلىق يۆتكىگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ. ئەمما بۇ ۋاستىچىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى.

بۇ شىركەت بكېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ خېتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئەكەلدۈرۈپ بەرگەن ۋاستىچى شىركەت بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ۋە دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بىلەن بۇ ھەقتە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى «ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى» شىركىتىدىن 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزلىرىگە 2019-يىلى بۇ ئۇيغۇرلارنى ياللاش ئۈچۈن تۈزۈلگەن توختامنىڭ تولۇق تېكىستى، ئۇلارنىڭ سانى قاتارلىق مەلۇماتلارنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.