كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 22 كۈنى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى» نى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن مەسچىتلەرنى چېقىپ ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكى ياكى تاقىۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹مەسچىتلەرنى رېمونت قىلىش› باھانىسى بىلەن، نىڭشيا ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىدىكى مەسچىتلەرنىڭ سانىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىۋاتىدۇ. مەسچىتلەرنى تاقاۋاتىدۇ، ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. بۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىن ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق».
ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، سۈنئىي ھەمراھ تارتىلغان رەسىملەر ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ھۆكۈمەت رەسمىي ھالدا مەسچىتلەرنى «مۇستەھكەملەش» دەپ ئاتالغان پىروگراممىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى كۆپ ئولتۇراقلاشقان گەنسۇ ئۆلكىسى شۇنداقلا شىمالىدىكى نىڭشيا رايونىدىكى مەسچىتلەرنى تاقىۋەتكەن.
يەرلىك دائىرىلەر يەنە مەسچىتلەرنىڭ بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇلارنى تېخىمۇ «خىتايچە» كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان، بۇلار كومپارتىيەنىڭ دىننى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا دۇچ كېلىدىغان خىرىسلارنىڭ خەۋپىنى ئازايتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىدىكەن.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىلى دىنلارنى «خىتايلاشتۇرۇش» نى ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن كېيىن 11 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىدە ئون مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چېقىپ ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى.