ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىلتون شىركىتىنىڭ خوتەندە مېھمانخانا قۇرۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كومىتېتى خىلتون شىركىتىنىڭ خوتەندىكى بىر مەسچىتنىڭ ئورنىغا سېلىنىۋاتقان مېھمانخانا قۇرۇلۇشىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلېي بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مىكگوۋېرىن 29-ئىيۇل خىلتون شىركىتىنىڭ مۇدىرى ۋە ‍ئىجرائىيە دىرېكتورى كرىستوفېر ناسېتتاغا مەكتۇپ يېزىپ، بۇ تەلەپتە بولغان.

ئۇلار مەكتۇپتا، خوتەندە سېلىنىۋاتقان خىلتون خامپتون مېھمانخاسىنىڭ 2018-يىلى چېقىۋېتىلگەن بىر مەسچىتنىڭ ئورنىغا قۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا ئەنگلىيە مۇخبىرلىرى خوتەننى زىيارەت قىلىپ، خوتەن شەھەر مەركىزىدە سېلىنىۋاتقان خىلتون خامپتون مېھمانخانىسىنىڭ ئورنىنىڭ ئەسلى بىر مەسچىت ئىكەنلىكى، بۇ مەسچىتنىڭ 2018-يىلى چېقىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن. بىز ئىلگىرى خىلتون شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشكەندە ئۇلارنىڭ بىر باياناتچىسى «ۋەقەدىن خەۋەردار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئىلگىرىلەپ پىكىر بىلدۈرۈشنى رەت قىلغانىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، مەكتۇپتا خىلتون مېھمانخانىسى سېلىنىۋاتقان «بۇ ئورۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ش ئۇ ئا ر دىكى ئۇيغۇر دىنىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئىپادىلىرىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېيىلگەن. مەكتۇپتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنىي ۋە مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بېكىتىشىگە تۈرتكە بولغانلىقى ئېيتىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتۇپقا يەنە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرسىتوفېر سىمىسمۇ ئىمزا قويغان.