ياپونىيەلىك يازغۇچى ۋە كارتونىست تومومى شىمىزۇنىڭ سابىق ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنى مېھرىگۈل تۇرسۇن ھەققىدىكى كارتون رومانى زور قىزىقىش قوزغىغان.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كارتون رومانى ھازىرغا قەدەر 240 مىڭ قېتىم كۆرۈلگەن، شۇنداقلا تۋېتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 2 مىليون 600 مىڭ ياخشى كۆرۈشكە ئېرىشكەن. تومونى شىزۇمىنىڭ «ماڭا نېمە بولدى: بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق كارتون رومانى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ تۈرمە ۋە لاگېردىكى كەچمىشىگە دائىر بايانلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنىڭ مىسىرغا توي قىلىپ، 3 قوش كېزەك تۇغۇشى، ۋەتەنگە قايتىپ تۇتقۇن قىلىنىشى، لاگېر ۋە تۈرمىدە تەن جازاسىغا ئۇچۇرۇشى، 3 كېزەك بالىسىنىڭ بىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، شۇنداقلا يولدىشىنىڭ 16 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى قاتارلىق تراگېدىيەلىك كەچمىشىنى تېما قىلىدۇ. ھازىر ئىككى پەرزەنتى بىلەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مېھرىگۈل تۇرسۇن خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن ھايات قۇتۇلۇپ چىققان ساناقلىق تۇتقۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تراگېدىيەلىك كەچمىشى خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.
تومومى شىمىزۇنىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مېھرىگۈل تۇرسۇن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مەزكۇر كارتون رومانىنى يېزىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ كەچمىشىنى ئاڭلاپ شۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان. شىمىزۇ «ۋاشىنگتون پوچىتىسى» نىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزلىرىدە يەنە «مەن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن؟، دەپ ئويلىدىم. . . . . . مەن كارتون سىزىشنى 20 يىلنىڭ ئالدىدا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن كارتون سىزاي، دېگەن ئويغا كەلدىم» دېگەن. لېكىن، تومومى شىزۇمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سىزغان تۇنجى كارتونى ئەمەس ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تۇنجى قېتىم بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىدە كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يىل 5-ئايدا ئۆزىنىڭ «ھېچكىم ئۇ دۆلەتنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ» ماۋزۇلۇق ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۇنجى كارتون سۈرەتلىك رومانىنى سىزىپ چىققان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كارتون ئۇنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قىزىقىش قوزغىغان بولۇپ، ئۇ مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ۋەقەسىنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ياپونىيە مېيجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بىر پائالىيىتىدە ئاڭلىغان ئىكەن.