شاڭخەيدىكى مېھمانخانىلار «شىنجاڭلىق» خىتاي قىزلارنى قوبۇل قىلمىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.02.25

2-ئاينىڭ 24-كۈنى X تە ئېلان قىلىنغان بىر قىسقا ۋىدىيودا، ئۆزىنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن 2 خىتاي قىزى شاڭخەيدە مېھمانخانىدا يېتىشقا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شاڭخەيدىكى مېھمانخانىلار تېلېفون نومۇرى ۋە كىملىكى «شىنجاڭ» دىن بولغانلارنى قوبۇل قىلمايدىكەن. ئۇلار شاڭخەيدىكى مېھمانخانىلارنىڭ كۆچمە نوپۇسلارنى تىزىملايدىغان ئىشى بولسىمۇ ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما مېھمانخانىلار بۇنىمۇ قوبۇل قىلمىغان. ئۇلار سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، «شىنجاڭلىق» لارنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى مېھمانخانىلاردا ئەمەس، شەھەر سىرتىدىكى مېھمانخانىلاردا يېتىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇلار يەنە، شاڭخەيدىكى مېھمانخانىلارنىڭ چەت ئەللىكلەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما «شىنجاڭلىق» لارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلگەن. مېھمانخانا تەرەپ بۇ ھەقتە بىرەر سىياسەت ياكى بەلگىلىمە بارلىقىنىمۇ دېمەستىن، «شىنجاڭلىقلار يېتىشقا بولمايدۇ» دەپلا جاۋاب بەرگەن.

يۇقىرىقى ئەھۋالدىن غەزەپلەنگەن خىتاي قىزلىرى: «بىز خىتاي پۇقراسى ئەمەسمۇ، شىنجاڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەسمۇ؟ بىز خىتاي پۇقرالىرى بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق-مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولالمايمىزمۇ؟» دەپ قاقشىغان.

كۆپ يىللاردىن بېرى، ئىچكىرى خىتايدا ئۇيغۇرلارغا ھەم تىبەتلەرگە بۇنداق كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىشنىڭ داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. رادىيومىز 2016-يىل دەلىللىگەن بىر خەۋەردە، خىتاي شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنىڭ ئاشكارا مىللىي كەمسىتىش تۈسىنى ئالغانلىقى، مېھمانخانىلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. ھالبۇكى نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىن بارغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ بۇنداق چەتكە قېقىشقا ئۇچرىغانلىقى، ئىلگىرى «شىنجاڭلىق» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىلىش دائىرىسىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ، خىتايلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.