مىسىردا مۇبارەك ھۆكۈمىتىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە 49 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

مىسىر خەلقىنىڭ ھۈسنى مۇبارەك ھۆكۈمىتىگە قارشى قاھىرە قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ئەرەب باھارى ئىنقىلابىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مىڭلىغان كىشىلەر شەنبە كۈنى قاھىرە قاتارلىق شەھەرلەردە ھەر خىل شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان ئىدى.

س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئۆكتىچى گۇرۇھلار تەشكىللىگەن بۇ قېتىمقى نامايىش ھەرىكەتلىرى ھۆكۈمەت ساقچى كۈچلىرىنىڭ تىنجىقتۇرۇشىغا ئۇچراش نەتىجىسىدە توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ ئاز دېگەندە 49 ئادەم ئۆلگەن، 247 ئادەم يارىلانغان.

ئەلۋەتتە بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلار ئارىسىدا ھەر خىل پىكىر ئېقىمىغا مەنسۇپ كىشىلەر بار بولۇپ، بىر قىسىم ئامما مىسىردا قايتىدىن پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، ھازىرقى ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەت كۈچلىرى بۇ نامايىشچىلارنى تارقىتىشقا تىرىشقان.