مىسىر دائىرىلىرى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ 3 نەپەر مۇخبىرىنى تۇتقۇن قىلدى

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىسىرنىڭ قاھىرە ساقچىلىرى 29-دېكابىر كېچىدە ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ 3 نەپەر مۇخبىرىنى، ئۆتكەن ھەپتە مىسىردە تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىنغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ تۇتقۇن قىلغان.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىم قاھىرەدە تۇتقۇن قىلىنغان 3 نەپەر مۇخبىر ئىچىدە ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان مۇخبىرى ئاۋسترالىيە دۆلەت تەۋەلىكىدىكى پېتېر گېرىستىمۇ بار ئىكەن. مىسىر ساقچى دائىرىلىرى يەنە، تۇتقۇن قىلىنغان ئەلجەزىرە تېلىۋىيىسىنىڭ ئۈچ مۇخبىرىنىڭ رەسىم ۋە سىنئالغۇ ئاپپاراتلىرىنىمۇ مۇسادىرە قىلغان.