مىسرانىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
2016.06.10
«مىسرانىم» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئابابەكرى مۇختەرنىڭ يېقىندا قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر تارقالدى. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئۇنىڭ مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئاممىۋى سورۇندا تارتىلغان رەسىمى تارقىلىپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر پىكىرلەرنى كۈچلەندۈردى.
ئەمما بۇ سۈرەتلىك خەۋەرلەردە، ئۇنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلگەنلىكى تىلغا ئىلىنمىغان. ئابابەكرى مىسرانىم بۇ يىل 14-ئاپرېلدىن باشلاپ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. رادىيومىز يېقىندا ئابابەكرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مىسرانىم»، «باغداش» تورلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە ئېرىشكەن ئىدى.
ئابابەكرى مۇختەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەر خىل پەرەزلەرنى پەيدا قىلغان. خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى بىر ئۆزبېك ناخشىچى بىلەن بولغان ئىقتىسادى ماجىراغا باغلىغان.
ئەمما خەلق ئىچىدىكى ئىنكاسلاردا، ئۇنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ماقالە، ئەسەرلىرىنى تورىدا ئېلان قىلىشى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئابابەكرى مۇختەر ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى گەرىي لوكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا سازاۋەر بولغان ھەمدە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2014-يىلى ئامېرىكىدا ئىككى ھەپتىلىك زىيارەت ۋە ئېكسكۇرسىيىدە بولغان ئىدى.