20-يانۋار كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغۇل يايلىقىدا يايلاقتىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەردى.
ياپونىيەدىكى ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ كاتىپى كەرىد كۋاسگالد ئەپەندىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى فېيسبوكتا ئېلان قىلغان رەسىملىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 لەر ئەتراپىدا شىلىنغۇل يايلىقىدىكى بىرقانچە خوشۇتتىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلگەن موڭغۇل چارۋىچىلىرىدىن نەچچە يۈز كىشى، لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلانغان.
كەرىد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش قىلغان موڭغۇل چارۋىچىلىرى يايلاقتىكى يەرلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندىن باشقا، يايلاقتا ئېچىلغان كۆمۈر كان شىركەتلىرىنىڭ ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن مال-چارۋىلارنىڭ ئۆلۈپ، چارۋىچىلارنىڭ ھەر خىل نەپەس يولى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان. ئۇلار ھۆكۈمەتتىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ساقچى ۋە قوراللىق ساقچىلارنى يۆتكەپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن موڭغۇل چارۋىچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىرقانچە موڭغۇل چارۋىچى تۇتقۇن قىلىنغان.
20-يانۋاردىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا شىلىنغۇل يايلىقىدىكى موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە خەۋەر بېرىلمىدى.