چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى خىتاي ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا جەلپ قىلىنماقتا

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان «خىتاي-ياۋرو ئاسىيا كۆرگەزمىسى» نىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە 21-سېنتەبىر كۈنى «خىتاي مۇھاجىرلىرى ۋە يىپەك يولى قۇرۇلۇشى مۇنبىرى» سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرلار ۋە خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە بولۇۋاتقان مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان.

يىغىن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھازىر يولغا قويۇۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسى كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە سىياسىي جەھەتلەردىكى ھەمكارلىققا موھتاج بولغاچقا چەتئەللەردىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدا تۇغۇلغان ھەمدە كېيىنچە چەتئەللەرگە كۆچۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلار بۇ جەھەتتە پائال ۋە ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان تۈركىيە تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سابىر بوغدا ئۆزىنىڭ «شىنجاڭلىق مۇھاجىر سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى بولغان تۆت يىلدىن بۇيان سودا ۋە تىجارەت ئىشلىرىدا زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن، شۇنداقلا چەتئەللەردىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىك ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.