ئىچكى موڭغۇلدىن بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدارلار ئېلىپ كېتىلدى

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 15-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس شەھىرىگە قاراشلىق خانگىن، ئوتۇغ خوشۇنلىرىدىن يايلاق داۋاسى قىلىپ، بېيجىڭغا بارغان 50 دەك چارۋىچى، يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن.

موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 16-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى يەرلىك دائىرىلەر ئەۋەتكەن ھۆكۈمەت خادىملىرى بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىدىن موڭغۇل چارۋىچىلارنى نەسىھەت قىلىش، تەھدىت قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ئېلىپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئوردوس شەھىرىدىكى موڭغۇل ئەرزدارلار يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ موڭغۇللارنىڭ يايلاقلىرىنى مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىپ، شىركەتلەرگە ئىشلىتىشكە بېرىشى، يايلاقتا ئېچىلغان كان ۋە خىمىيىۋى زاۋۇتلار سەۋەبىدىن بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان يايلاقنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە يېزىلغان بىرلەشمە ئەرزىنى خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە سۇنۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن.

رادىيومىزغا ئەھۋالنى بىلدۈرگەن بىر نەپەر موڭغۇل چارۋىچى ئىلگىرى بۇ ئائىلىگە چارۋا بېقىش ئۈچۈن ھۆددىگە بېرىلگەن 13 مىڭ مو يايلاقنىڭ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى زېمىن دېگەن ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلۈپ، تارتىۋېلىنغانلىقىنى ۋە بۇ ئائىلىگە ھېچقانداق تۆلەم بېرىلمىگەنلىكىنى، بۇ قېتىم ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا كەلگەن باشقا موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ يايلاقلىرىمۇ ھەر خىل ناملاردا ئىگىلىۋېلىنىپ تۆلەم بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.