شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى NATO غا ئەزا دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى 11-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى لىتۋا پايتەختى ۋېلنۇس شەھىرىدە باشلىنىدۇ. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، خىتاي ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋەزىيىتى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلاردىن بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپلا NATO نىڭ خىتايغا قارىتا «يامان غەرەزلىك» ئىكەنلىكىنى ئەيىبلەپ باش ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، NATO نىڭ 11 ۋە 12-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋېلنۇس يىغىنىدا مەزكۇر ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ 2022-يىلى مادرىد يىغىنىدا ماقۇللانغان ئىستراتېگىيە ئۇقۇمىنى ئىجرا قىلىش ئۇنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىكەن.
ھالبۇكى، NATO نىڭ مادرىد يىغىنىدا ئەزا دۆلەتلەر خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىتتىپاققا «سىستېمىلىق خىرىس» پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا، NATO نىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىغا «يەر شارى ھەمكارلاشقۇچى شېرىك» دۆلەتلەر سۈپىتىدە ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئاۋسترالىيە رەھبەرلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان. ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» غا بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا يىغىندا «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى زىچ باغلىنىشلىق» ئىكەنلىكى، شۇڭا NATO نىڭ شەرققە ھىندى-تىنچ ئوكيانغا ئارىلىشىشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەيدىكەن.
«بىلۇمبېرگ» ئاگېنتلىقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىر ياۋروپا دىپلوماتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدىمۇ NATO دۆلەتلىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يۇقىرىقى 4 دۆلەت بىلەن بىر ھەمكارلىق خىتابنامىسى ئېلان قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، NATO نىڭ بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى يەنە شىۋېتسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ NATO غا ئەزالىقىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. ئۇكرائىنا بۇ قېتىمقى يىغىندا NATO غا قوبۇل قىلىنىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن ھازىر ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن 9-ئىيۇل س ن ن گە قىلغان سۆزىدە ئۇكرائىنا «NATO غا كىرىشكە تېخى تەييار بولمىدى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.