«شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) نىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ 27-سېنتەبىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن توردا سۆھبەتلەشكەن ھەمدە بەزى خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى قىسقىچە مۇھاكىمە قىلىشقان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئۆزلىرىنىڭ خىتاينى «رەقىب» دەپ قارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە خىتاينى خەلقئارالىق سىستېمىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ساھەدىكى بەزى ھەركەتلىرىدىن ئەندىشىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ يەنە خىتاينى ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەر ئارقىلىق ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولغان ئىجابىي نەتىجىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ئۈندىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «NATO» نىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەۋقەسىدە كۆرۈلگەن زور ئۆزگىرىش، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بەزىلەر بۇنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭىچە «يۇمشاش» ۋەزىيىتىنىڭ ئىنكاسى، دەپ قارىماقتا ئىكەن.