رۇسىيەنىڭ سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە ياشايدىغان 14 ياشلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى ئاقمەل خوجانىيازوف يېقىندا رۇسىيە 1-تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «رۇسىيە بالىلار ئاۋازى» تالانت مۇسابىقىسىدە ناخشا ئېيتىپ، باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلاردا زور تەسىر قوزغىدى.
ئاقمەل نىيازوفنىڭ تالانتى ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىپ، رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى ئەللەردە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلا ر ئارىسىدا زىلزىلە پەيدا قىلدى.
كۆزەتكۈچىلەر ئاقمەل نىيازوفنى ئاتاقلىق مەرھۇم ناخشىسى مۇرات ناسىروفتىن كېيىنكى رۇس تىلىدا ناخشا ئېيتىپ داڭ چىقارغۇسى يەنە بىر ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ باھالىماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاقمەل خوجانىيازوفنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈركمەنىستاننىڭ بايرام ئالىي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، ئۇلار ھازىر رۇسىيەنىڭ سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە ياشايدىكەن.
ئاقمەل خوجانىيازوفنىڭ ئاكىسى جامالىدىن خوجانىيازوفمۇ رۇسىيەدە تونۇلغان پۇتبول چولپانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھازىر دانىيەدىكى بىر پۇتبول كۇلۇبىدا توپ ئوينايدۇ. جامالىدىن خوجانىيازوف ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ «زېنىت» ياش-ئۆسمۈرلەر كوماندىسىدا توپ ئويناپ نام چىقارغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاقمەل خوجانىيازوفنىڭ ئاتا-بوۋىسى 1883-يىللاردىكى كۆچ-كۆچلەردە ئىلىدىن تۈركمەنىستاننىڭ بايرام ئالىي رايونىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارغا تۇتۇشىدىكەن.
1871-يىلى چار رۇسىيە ئىلى سۇلتانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، 1883-يىلى ئىلىنى مانجۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار غۇلجىنى تاشلاپ، رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى يەتتىسۇ تەرەپلەرگە كۆچىدۇ. بۇ جەرياندا بىر قانچە يۈز ئائىلىلىك ئۇيغۇر چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، تۈركمەنىستاننىڭ مەرۋى شەھىرى ئەتراپىدىكى بايرام ئالىي رايونىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى.
رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باھالىغۇچىلار ئاقمەل خوجانىيازوفنى «رۇسىيە بالىلار ئاۋازى» نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئۆسمۈر ناخشىچىلار ئىچىدىكى ئاۋاز ۋە ئورۇنداش سەنئىتى ئەڭ ياخشى بالا ناخشىچى، دەپ باھا بەرگەن. ئۇ، ئىنگلىز تىلىدا ناخشا ئورۇندىغان ئىدى.