نىڭشادا تۇڭگانلارنىڭ دىنىي تەلىمدە ئەرەبلىشىشى چەكلەندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.01.03

بۇلتۇر يىل ئاخىرى خىتايدا يۈز بەرگەن «مۇسۇلمانلارتورى» نىڭ تاقىلىشى ۋە «ھالال» يېمەكلىك تالاش-تارتىشىدىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ يېمەكلىكلەردە «ھالال» سۆزىنىڭ ئورنىغا «مۇسۇلمانچە يېمەكلىك» ماركىسىنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشى ۋە نىڭشا ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى لى جيەنخۇانىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئەرەبلىشىشى چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدە دېگەن سۆزلىرى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نىڭشا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى لى جيەنخۇا يېڭى يىل ھارپىسىدا دىنىي ساھەدىكىلەرگە سۆز قىلىپ،«مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن نىڭشا،شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا ئىسلام دىنىنىڭ ئەرەبلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چەتئەللەردىكى ئىسلامى تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش، دىنىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى جىددىي سىياسىي مەسىلە» دېگەن ۋە «جۇڭگوچە ئىسلام دىنىدا چىڭ تۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مۇنازىرىلەردە، دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان تۇڭگانلار رايونىدىمۇ دىنىي چەكلىمىلەرنى كۆپەيتىپ، ئەرەبچە «ھالال» سۆزىگە دىنىي رادىكاللىق ئىپادىسى دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ «ھالال» ماركىسىنى چەكلەش، تۇڭگانلار ئارىسىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئەرەبچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى چەكلەش، يېڭىدىن مەسچىت سېلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى سۆز تېمىسى بولدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ يۈزلىنىشنىڭ يامان ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، «دائىرىلەرنىڭ تۇڭگانلار رايونىدىمۇ دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىنى كۈچەيتىشى، تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاش رادىكال قارشىلىقنىڭ تۇڭگانلار رايونىدىمۇ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى» نى ئاگاھلاندۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.