نورۋېگىيە شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە غايەت زور مەبلەغ سالغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.08.31

يېقىندا نورۋېگىيەنىڭ يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ غايەت زور سوممىلىق بانكا ئامانەت پۇللىرىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە پاي مەبلىغى قىلىپ سالغانلىقى مەلۇم بولغان.

«نورۋېگىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتى» نىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نورۋېگىيەدىكى «فورىنبار ئېنېرگىيە شىركىتى» ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ 370 مىليون نورۋېگىيە كرونى (تەخمىنەن 43 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن) بانكا ئامانەت پۇلىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈچ چوڭ ئېنېرگىيە شىركىتىگە پاي مەبلىغى قىلىپ سالغان. بۇلار «شىنجاڭ ئالتۇن شامال ئېنېرگىيە شىركىتى»، «جىنكو قۇياش ئېنېرگىيە شىركىتى» ۋە «داچۇەن يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتى» ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ بىردەك لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى مەلۇم مەزگىللىك تۇتقۇنلۇق ھاياتىدىن كېيىن «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ چىققان. بۇ ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرى خەلقئارا پاي چېكى بازىرىغا سېلىنغان بولۇپ، نورۋېگىيە يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسى ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ قەرەللىك بانكا ئامانەت پۇللىرىنى «يېشىل ئېنېرگىيە» دەپ ئاتالغان بۇ شىركەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىرىغا پاي قىلىپ سالغان.

بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، فورېنبار ئېنېرگىيە شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ: «شىركىتىمىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بۇ شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىشى پۈتۈنلەي بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان. بىز نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي قاراپ چىقىپ بۇ ھەقتە باشقىچە قارار ئالماقچىمىز،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.