خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نۇر بەكرى تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلمەكتىكەن

خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

بۈگۈن، يەنى 21-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارى نۇر بەكرىنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» قىلمىشى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۈگۈن يەنە خەلقئارادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «ۋال-سترېت ژۇرنىلى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق گېزىتلەردىمۇ نۇر بەكرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر قىلىندى.

نۇر بەكرى ئەسلىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ سېكرېتارلىقىدىن تەدرىجىي ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قاتار مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ماسلاشقان. ئۇ 2014-يىلى خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ بېيجىڭغا يۆتكەلگەن. نۇر بەكرىدىن ئىبارەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھاكىمىيەت چەمبىرىكىگە كىرگەن بۇنداق بىر شەخسنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈشى خىتاي ۋە خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە دېيىلىشىچە، نۇر بەكرىنىڭ ئىسمى 21-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قاراتقان بىر يۈرۈش باستۇرۇش ۋە ئېرىتىپ تۈگىتىش سىياسەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن ماسلاشقان. بولۇپمۇ ئۇ خىتاينىڭ رايوندا ئاتالمىش «قوش تىللىق» مائارىپىنى يولغا قويۇشتا ئاساسلىق رول ئوينىغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر نۇر بەكرىنىڭ تۇتۇلۇشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرغا، مەيلى ئۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ياكى خىتاي ئۈچۈن كەتمەن چاپقان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەممىسىنىڭلا يوقىتىلىش نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.