كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىزنى خىتايدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىزدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 12- ئايرىل كۈنى ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە مۇنداق دېگەن:
«ئولاف شولىز بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە خىتاي ئەگەر ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلمىسا، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. جۈملىدىن ئۇ، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى نىشان قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى، تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىمى، ئېتنوگرافىيە پىروفېسسورى راھىلە داۋۇت ۋە ساخاروف مۇكاپاتى ساھىبى ئىلھام توختى قاتارلىق خالىغانچە قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.»
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتى 13-ئاپرېل خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇ شاڭخەي ۋە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، 16- ئاپرېل كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لى چياڭ بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
شولىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2022-يىلى 11-ئايدا بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بىر چوڭ سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى خىتايغا بىللە ئېلىپ بارغان ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيە دىرېكتورى ۋېنزېل مىچالسكى باياناتتىكى سۆزىدە: «باش مىنىستىر شولىزنىڭ گېرمانىيەنىڭ تار سودا مەنپەئەتىنى دەپلا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئارقا پىلانغا ئىتتەرمەسلىكى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش گېرمانىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق»، دەپ كۆرسەتكەن.