ئولسى يازىجىنىڭ ئالبانىيەدىكى خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا ئائىت تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئىچ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش ۋە ئەمەلىيەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا زور رول ئوينىغان كانادا پۇقراسى ئولسى يازىجىنىڭ ئالبانىيەدىكى خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇشى دىققەت قوزغىدى.

كانادادا چىقىدىغان «دۆلەت پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تارىخ پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئولسى يازىجى 4 يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتى بولغان ئالبانىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا دەرس بېرىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. بىراق بۇ ئۇنىۋېرسىتېت يېقىندا ئولسى يازىجىغا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنى يېڭىلىمايدىغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا داۋاملىق دەرس بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئولسى يازىجى «دۆلەت پوچتىسى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قارارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «گەرچە قولۇمدا ئېنىق پاكىت بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئالبانىيەدىكى تەسىر كۈچىنى قوللىنىپ، مەندىن ئۆچ ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق. چۈنكى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مېنىڭ دەرس ئۆتۈشۈمنى رەت قىلىدىغان ھېچقانداق سەۋەبى يوق» دېگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رېكتورى سىنىلا سوتىروفسكى ئولسى يازىجىغا «بۇ قارارنىڭ يۇقىرى ئورۇنلاردىن كەلگەنلىكىنى» ئېيتقان. بىراق ئۇ «دۆلەت پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇرمىغان. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىمۇ يېقىندىن بۇيان ئولسى يازىجىغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنى «يالغان خەۋەر تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئولسى يازىجى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» دەپ ئاتالغان ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىلغان كىشى. ئەسلىدە ئامېرىكانىڭ بۇ ئورۇنلار ھەققىدىكى بايانلىرىنى رەت قىلىش مەقسىتى بىلەن زىيارەتكە بارغان ئولسى يازىجىنىڭ كۆز قارىشى ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن. ئۇ، يۇتۇب قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بۇ تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنىڭ ماھىيىتىنى كەڭ ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى بۇزۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان. ئولسى يازىجى خىتاينىڭ ئۆزىگە قاراتقان تەنقىدلىرىگە تىۋىتتىردا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇمنى ئاشكارىلاشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.