ئۆركەش دۆلەتنىڭ يۇرتىغا قايتىش ئۇرۇنۇشى يەنە مەغلۇپ بولدى
2013.11.28
1989-يىلدىكى «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ رەھبەرلىرىدىن ئۆركەش دۆلەت ئىككى كۈن ئاۋۋال تەيۋەندىن خوڭكوڭغا كېلىپ، خوڭكوڭ چېگرا دائىرىلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.
ئۇ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى دەرھال قولغا ئېلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇش بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق خوڭكوڭ دائىرىلىرى ئۇنى قولغا ئېلىشنى رەت قىلغان ۋە تەيۋەنگە قايتۇرۇۋەتكەن.
بۇ، ئۆركەش دۆلەتنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە تۇنجى قېتىم ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ئەمەس.
ئۇ ئىلگىرى خوڭكوڭ، ئاۋمېن دائىرىلىرىگە، خىتاينىڭ ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆركەشنى قولغا ئېلىشنى رەت قىلغان.
بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئارقىلىق يۇرتىغا قايتىپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈش تىرىشچانلىقى يەنە بىر قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.
ئۆركەش دۆلەت بۇ قېتىم خوڭكوڭلۇق ئادۋوكات، خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزاسى خې جۈنرېننىڭ ھەمراھلىقىدا خوڭكوڭغا كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.
ئۇ خوڭكوڭ ئايرودرومىدا تۇرۇپ گېرمانىيە ئاخباراتىغا بەرگەن مەلۇماتىدا: مەن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مېنى جۇڭگو دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلدىم. مەن مەركەزنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىلىشىش ئورنىنىڭ خادىملىرىنىڭ تېزرەك كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، دېگەن.
بىراق، خوڭكوڭ دائىرىلىرى ئۆركەشنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇنى دەرھال تەيۋەنگە يولغا سېلىپ قويغان.
ئۆركەش دۆلەت «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 2-نومۇرلۇق شەخس.