گەنسۇلۇق ئۆسمۈرنىڭ توردا ئۇچۇر تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك مەكتەپتىن ھەيدىلىشى مۇنازىرە قوزغىدى
2013.11.18
بۇ يىل 9-ئاي مەزگىلىدە «توردا ئۆسەك سۆز تارقاتتى» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى، گەنسۇلۇق ئۆسمۈر ياڭ خۇي، 18-نويابىر دۈشەنبە كۈنى مەكتەپتىن ھەيدەلگەن.
ياڭ خۇينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ خەۋەرنى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، تور بېكەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە، «15 ياشلىق ئۆسمۈرنىڭ تورغا ئۇچۇر يوللىغانلىقى ئۈچۈنلا، مەكتەپتىن ھەيدىلىشتەك ئېغىر جازاغا ئۇچرىشى قانۇنسىزلىق!» دەپ ئەيىبلەندى.
ياڭ خۇي بۇ يىل 12-سېنتەبىر كۈنى، يۇرتى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭ جاچۈەن بازىرىدا تېپىلغان نامەلۇم ئەرنىڭ جەسىتى توغرىلىق، ساقچىلار ئېنىق مەلۇمات بەرمەي تۇرۇپ، تور بېكەتلىرىدە ئۆز گۇمانىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئەينى چاغدا يېڭىدىن قاراردىن ئۆتكەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۇنجى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. كېيىن دائىرىلەر جەمئىيەتتىن كەلگەن ئېغىر بېسىم سەۋەبلىك ياڭ خۇينى قانۇن بويىچە جازالاش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.
ياڭ خۇي ئوقۇۋاتقان مەكتەپ دائىرىلىرى ياڭ خۇينى مەكتەپتىن ھەيدەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشىگە، يۇقىرىدىن كەلگەن بېسىم سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ياڭ خۇي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر داۋاملىق ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەكتەپتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلىشىنىڭ ئادالەتسىز قارار بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.