2-ئاۋغۇست كۈنى دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلىپ ماكانسىز قالغان يەنە بىر ئۇيغۇر خىتاينىڭ سىننا تور بېكىتىدە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ،جەمئىيەتتىن قوللاش، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئادالەت تەلەپ قىلدى.
ئۆزى ھەمدە ئۆزىگە ئوخشاش ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان بۇ تورداش، 1-ئاۋغۇست كۈنى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن كۆرۈنۈشلەرنى تور بېكىتىگە يوللاپ، ئۆز كەچمىشلىرىنى بايان قىلغان. مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ خەۋەر تورداشلار تەرىپىدىن تۋېتىر، ئۈندىدار، فېيسبوك قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىگە تارقىتىلىپ، تورداشلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئادالەتسىزلىكلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.
ئۆتكەن ئايدا ئۈرۈمچى ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق كېرەم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەندىن كېيىنكى كۆرۈنۈشلەرنى سىننا بلوگىغا يوللاپ جەمئىيەتتىن ئۆزىنى قوللاشنى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن بولسا، دۆلەت ئۆزى تۈزگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.