ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە 600 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى ئۆي ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ، «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» نامىدىكى يېڭى جايلارغا يۆتكەلگەن. «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 14-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ پىلان خىتاينىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە ئورۇندالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 10 مىليارد 811 مىليون يۈەن خەجلەنگەن. لېكىن بۇ پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ھۆكۈمەت چىقارغان بولسىمۇ، بىر قىسمىنى جەمئىيەت، يەنە بىر قىسمىنى دېھقان-چارۋىچىلار ئۆزى غەملىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ «دېھقان-چارۋىچىلارنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش» نى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەھەللە مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتاينىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا 5 مىليون دېھقان-چارۋىچىنىڭ «ئەمىن ئويلەر» گە كۆچۈرۈلۈپ ماكانلاشقانلىقى، بۇنىڭ بىر مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئومۇمىي ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاز كەم يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ مەزگىل ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدە ئاتالمىش «ئەمىن ئۆيلەر» گە كۆچۈرۈلگەن دېھقان-چارۋىچىلار بىر مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەن.