ئۇيغۇر رايونى كاتتىۋاشلىرى پاكىستان ۋەكىللىرىگە «خىتاينىڭ دىن ۋە مىللەت ئىدىيەسى» نى شەرھلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.07.19

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنياز قاتارلىقلار ئۈرۈمچىدە پاكىستان ئۆلىمالىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغان.

ما شىڭرۈي بۇ ئۆمەكتىكىلەرنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىپىڭنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دىن ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن، شۇنىڭدەك «بۇ سىياسەتنىڭ ھىمايىسىدە شىنجاڭ خەلقى ئەركىن، بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دېگەن؛ ئارقىدىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى» نى ئەيىبلىگەن.

ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقى، پاكىستان ئىسلامىي مەپكۇرە (ئىدېئولوگىيە) كومىتېتى رەئىسى ئاياز قاتارلىق ئۆلىمالار پاكىستاننىڭ خىتايغا دوست ۋە قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، خىتاي بىلەن ھەر زامان بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىن، پاراۋان ياشاۋاتقانلىقىنى، پاكىستان-خىتاي ئىقتىساد كارىدورى ئارقىلىق شىنجاڭ بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئالاقە ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى» قەيت قىلىشقان.

پاكىستان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىپلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىۋاتقان ئەڭ ئاكتىپ دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە 2021-يىلى ئەنگىلىيەدىكى «ئوچۇق مۇنبەر» تور مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان دوكتور مارىيا باستوس خانىم خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە جۇغراپىيەلىك يېقىنلىق ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. شۇ چاغدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتىن خەۋىرىم يوق ئىكەن» دېگەن پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمرانخاندىن تارتىپ ھازىرقى رەھبەرلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە ئۆلىما-ماشايىخلىرى خىتاينى ياخشى كۆرۈپ قوللاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان بۇ ئۆمەكنىڭ خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ماختاپ، خىتاينى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.