ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان
2025.01.09
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا باشلامچىلىق رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 9-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پېڭشىننىڭ 822 مىليون يۈەن (112 مىليون دوللار) دىن ئارتۇق پارا ئالغانلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
دائىرىلەر ئۇنىڭ 1999-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، مىنېرال ماددىلارنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش، تىجارەت ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەش قاتارلىق ئىشلاردا باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلاردىن 822 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لى پېڭشىن خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىرغىنچىلىقىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى، ئىدېئولوگىيە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى باستۇرۇشقا مەسئۇل بولغانىدى. ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا مائارىپ ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇپ كېلىنگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دەرسلىكى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «پانتۈركىزم» نى تەرغىب قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە بۇ دەرسلىكنى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان ئۇيغۇر مائارىپچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ۋە ھەتتا كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازالىرىغا بۇيرۇلغان.
لى پىڭشىن شۇنداقلا، چەت ئەللەردە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ئۇيغۇر ئېلىدە قانات يايدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، ئۇ قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا بۇ ھەرىكەتكە بىۋاسىتە باشلامچىلىق قىلىپ يوليورۇق بەرگەن. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىپ، «مىللىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتى»، «ۋەتىنىمىز جۇڭگو» دەيدىغان ئىدىيەنى سىڭدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغانىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 9-يانۋاردىكى خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ شياۋدۇڭنىڭمۇ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈشكە ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. مەزكۇر خىتاي ئەمەلدارى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەرگە سولاش ۋە جازالاش ئىشلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بىرى ئىدى.