خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، شېنجېن شەھىرىدە 20-دېكابىر يۈز بەرگەن لاي سىيرىلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 58 گە يەتكەن.
ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «ھامىي» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە شېنجېن شەھىرىگە يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان گۇاڭمىڭ يېڭى رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەنى رايونغا يېقىن جايلاشقان بىر تاغ قاپتىلىدىكى قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى تىندۇرۇش ئورنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئورۇنغا قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى نامۇۋاپىق دۆۋىلەنگەن بولۇپ، ئەخلەتلەرنىڭ ئېگىزلىكى 100 مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20-دېكابىر ياغقان قاتتىق يامغۇردىن كېيىن ئەخلەت دۆۋىسى پاتقاققا ئايلىنىپ سىيرىلىپ چۈشكەن ۋە تاغ بويلاپ ئېتىلىپ كېتىپ تاغ باغرىدىكى ئولتۇراق ئۆيلەر، ۋە سودا ئورۇنلىرىنى بېسىپ كەتكەن.
دائىرىلەر دەسلەپتە ھادىسىدە ئۆلگەن ئادەم سانىنى 7 نەپەر دەپ، ئېلان قىلغان.
بۇ قېتىم قازاغا ئۇچرىغانلار سانى 58 نەپەرگە ئۆستۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەنە 25 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.