خىتاي خەلقئارادا بايقۇت قىلىشقا ئۇچرىغان «شىنجاڭ پاختىسى» نى قۇتقۇزۇشقا مەجبۇر بولغان

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ بايقۇت قىلىشقا ئۇچرىغان «شىنجاڭ پاختىسى» غا 50 مىليارد يۈەن قەرز بېرىپ، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ ئەھۋال ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» دا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى، نۇرغۇن داڭلىق خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىشنى بايقۇت قىلىشى ئۇنىڭ رايوندىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، قۇتقۇزۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 17-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى بۇ يىل كۈزدە پاختا شىركەتلىرىگە 50 مىليارد يۈەن ئالاھىدە ئېتىبار باھادا قەرز تارقىتىشنى قارار قىلغان. خەۋەردە، بۇنىڭ پاختا بازىرى ۋە پاختا باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامىشى، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئ‍الغان كەڭ ساھەلەردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئ‍ۆتكەن يىلى «شىنجاڭ پاختىسى» دا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىگەن. خەلقئارا «ئالىي سۈپەتلىك پاختا تەشكىلاتى» «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ 50 مىليارد يۈەن قەرز پۇلى رايوندىكى 3 مىليون توننىدىن ئارتۇق پاختا سېتىۋالغان شىركەتلەرنى قوللاشقا قارىتىلغانىكەن. خەۋەردە، رايوندىكى 149 شىركەتنىڭ بۇ ئ‍ۆلچەمگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.