خىتاي ھۆكۈمىتى پاختا مەھسۇلاتلىرى چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 8-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىغا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ ھەقتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قارارغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«سوخۇ تورى» نىڭ 8-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىڭتۇەن سىستېمىسىدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىلى» نى سەۋەب قىلىپ، خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چېگرادىن ئۆتكۈزمەسلىكىنى «ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىك» دېگەن. شۇنداقلا مۇخبىرلارغا «بىز دېگەن قانۇن دۆلىتى. بىزدە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھادىسىسى مەۋجۇت ئەمەس. شىنجاڭدا داۋام قىلىۋاتقىنى تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاي پاختا مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ئېكسپورتىغا دەرھاللا ئېغىر سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداقلا يەرشارى مىقياسىدىكى تەمىنات زەنجىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولغان. كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ تور بېتى بىراقلا تاقىلىپ قالغان. بۇنىڭ تەسادىپىلىق ياكى غەرەزلىك ئىكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن.