ئۇيغۇر ئېلىدە پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئەركىنلىكى ئىلگىرىلەپ قامال قىلىنىدىغان يېڭى قارارلار ئېلىندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر تورىغا قاراتقان قامالنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە قارار ئالغان. تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چارشەنبە كۈنى ئېچىلغان «تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى» دا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت -ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە تور بەتلەرگە قارىتىلغان باشقۇرۇشنى قاتتىق كۈچەيتىش، توردا ئېلان قىلىنىۋاتقان مەزمۇنلارنى باشقۇرۇش، ئۆز نامىنى قوللىنىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالاش قارار قىلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: «... دائىرىلەر توردا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا چېتىلىدىغان تور جامائەت پىكرى، بولۇپمۇ زور سەزگۈر، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن جامائەت پىكرى ئەھۋالىنى بايقاش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە يېتەكلەش كۈچىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش؛ توردىن پايدىلىنىپ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش، پىتنە-ئىغۋا توقۇش، تارقىتىش، ئىغۋاگەرچىلىك، تېررورلۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا چېتىلىدىغان، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئۆز مەيلىچە تارقاتقانلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتقان ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە كۈشكۈرتكەن جىنايەتچى ئۇنسۇرلار، شايكا تەشكىللىگەنلەر ۋە نۇقتىلىق ئادەملەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك».

يىغىندا يەنە، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدىكى تور بېكەتلەر چوقۇم پارتىيە ياچېيكىسى ۋە پارتگۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تور بەتلەرنى پارتىيە باشقۇرۇش نىزامنامىسى بويىچە باشقۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىكىر ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى قاتتىق بېسىم ئاستىغا ئېلىش بىلەن تەنقىد قىلىپ كەلگەن. بىراق، يۇقىرىدىكى يىغىندا ئېلىنغان قارارلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قامالىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.