خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت قۇرۇلۇشىغا 4 مىليارد 790 مىڭ سوم مەبلەغ سالدى

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەيىبلەۋاتقان شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت قۇرۇلۇشىغا يەنە زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە «شىنجاڭغا ياردەم» پروگراممىسىغا قاتناشقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ يېڭى بەش يىللىق پىلاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى پىلانلىق تۇغۇت قۇرۇلۇشىغا 4 مىليارد 790 مىليون سوم مەبلەغ سالغانلىقىنى، 2015-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىغىچە بۇ مەبلەغنىڭ 90% ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت ئەسلىھەلىرى يېڭىلاندى، دەپ خەۋەر بېرىلدى. خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى خانىبات سابىرنىڭ «سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىگە زور تۆھپە قوشىدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.

خىتاي خەۋىرىدە «رايوندىكى سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان 4 مىليارد 790 مىليون سوم مەبلەغنىڭ 351 دوختۇرخانا ۋە داۋالاش پونكىتىدىكى قۇرۇلۇش تۈرىگە سېلىنغانلىقىنى، نۆۋەتتە خېبىي، جياڭشى ئۆلكىلىرىنىڭ رايوندىكى دەسلەپكى قۇرۇلۇشلىرى تاماملانغانلىقى تىلغا ئېلىندى. خەۋەردە رايوندىكى سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت ئەسلىھەلىرىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ كۆپەيتىلىپ، بۇ ساھەدىكى تېخنىكىلار ياخشىلانغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. ھالبۇكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىدلىگەندە «خىتاينىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش سىياسىتىدىن ئىبارەت» دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.