ۋاقتى ئۆتكەن تۇغۇتتىن چەكلەش دورىسى ئانارخاننى كېسەل قىلدى

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 11-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىلى ئوبلاستى تېكەس ناھىيىسى بوستان يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئانار تۇرغۇناخۇن ئىسىملىك بىر ئايال تېكەس ناھىيىلىك پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى تارقاتقان تۇغۇتتىن چەكلەش دورىسىنى 2008-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئىستېمال قىلغانلىقى سەۋەبلىك، مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئانار خانىم ناھىيىلىك پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى تارقاتقان دورىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئېغىر دەرىجىدىكى باش ئاغرىش كېسىلى پەيدا بولغان، 18 كۈنلۈك داۋالاشتىن كېيىن دوختۇرلار ئۇنىڭغا مېڭە قان تومۇرى قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئانار خانىم ئۆزى ئىستېمال قىلىۋاتقان تۇغۇتتىن ساقلىنىش دورىسىنى تەكشۈرتكىنىدە دورىخانا بۇ دورىلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكىلى ئىككى يىل بولغانلىقىنى ۋە بۇ دورىنىڭ ئانار خانىمنىڭ كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئانار خانىم ئۇيغۇربىز تورى مۇخبىرىغا نۆۋەتتە پۈتۈن بەدىنى قاتتىق ئاغرېيدىغان ھالەتكە يېتىپ، ئىشلەش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ئەينى چاغدا بوستان يېزىسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خادىمى ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم بۇ دورىنى ئىچكۈزگەندە ئۇنى خالى جايغا باشلاپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ يوقلۇقىغا جەزم قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئىچكۈزگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ساۋاتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن دورىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن دورا ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. پىلانلىق تۇغۇت خادىمى بولسا، بۇ دورىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسىگە دىققەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.