مايك پامپېيو خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا يېڭى كوۋىد ۋارىيانتىنى يۇقتۇرۇشىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان
2023.01.04
ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پامپېيو خىتاينىڭ يېڭى يىلدىن باشلاپ يولغا قويىدىغان كوۋىد سىياسىتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا يۇقۇم تارقاتماقچى بولۇش قەستىدىن ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ئامېرىكا ۋە باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتايدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى كىرگۈزمەسلىككە چاقىرغان.
«تور قاراۋۇلى» (Gateway Pundit) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى يىلدىن باشلاپ تاموژنا چەكلىمىسىنى بوشىتىپ، خىتايغا كىرىدىغان چەت ئەللىكلەر ۋە چەت ئەلگە چىقىدىغان خىتاي پۇقرالىرىنى كەڭ قويۇۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، مايك پامپېيو 1-يانۋار، يەنى يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ: «مىليونلىغان خىتايلار يۇقۇملانغان تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ ئەللىك پىرسەنتى چەت ئەلدە قاتراپ يۈرمەكتە» دېگەن ھەمدە ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتا ئىشىكىنى چىڭ تاقىشى كېرەكلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن دۇنياغا كوۋىدنىڭ يېڭى ۋارىيانتىنى يۇقتۇرۇپ، ئەسلىدىنلا كوۋىد ۋاباسىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان دۇنياغا يېڭى ئاپەت ئېلىپ كېلىشنى قەستلەۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان.
كوۋىدنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئۈچ يىلدىن بېرى كۈچلۈك قامال سىياسىتىنى يولغا قويغان خىتاينىڭ توساتتىنلا ھەممىنى ئېچىۋېتىپ، يېڭى بالايى-ئاپەتنىڭ يامرىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت خىتاي يولۇچىلىرىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىتىن بۇرۇن كوۋىد تەكشۈرۈشى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.