مايك پومپېيو: «ئۇيغۇر ئاياللىرى ‹ھۆرلۈك›كە ئېرىشكىنى يوق!»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى لاگېرغا قاماش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ «ئىدىيەسىنى ئازاد» قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ۋە مۇستەقىل ئىدىيەگە ئىگە قىلىپ قويغانلىقى ھەققىدىكى تىۋېتتېر ئۇچۇرىنى يوللىغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەسكىن ئەيىبلەشكە دۇچ كەلدى.

12-يانۋار كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ «مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش ھەمدە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش تەدبىرلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ھۆرلۈككە چىقارغىنى يوق!» دېدى. مەزكۇر ئۇچۇر چاپلانغاندىن كېيىن بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن مەزمۇندىكى ئىنكاسلار يامغۇردەك يېغىپ كەتتى.

مايك پومپېيونىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ بىر كۈن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن قاتتىق ئەيىبلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر كۈچلۈك تەنقىد بولدى. ئۇ بۇ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارمىقىدىكى «ب د ت نوپۇس فوندى» غا بېرىلىۋاتقان مەبلەغنى كېسىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن ئىدى. ئۇ سۆزىدە بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب قاتارىدا مەزكۇر فوند تەشكىلاتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەجبۇرىي يوسۇندا ئىجرا قىلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جاللاتلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشكە خىزمەت قىلىۋاتقان بۇنداق تەشكىلاتنى قوللىمايمىز. ئۇلارنىڭ قىلمىشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى سەسكەندۈرىدۇ» دېگەنىدى.