ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئاسىيا سەپىرىنى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.08.02

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قىلىدىغان 4 كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بۇ زىيارىتىنى ئالدى بىلەن مالايشىيادىن باشلايدىكەن ۋە جۈمە كۈنى ئەتىگەندە مالايشىيانىڭ 93 ياشلىق باش مىنىستىرى ماھاتىر موھەممەد بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مايك پومپېيونىڭ بۇ قېتىملىق ئاسىيا زىيارىتى ئامېرىكا ھەردائىم تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئوچۇق ۋە ئەركىن بولغان، خۇسۇسىي ئىگىلىك ئاساس قىلىنىدىغان بىر بازار يارىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇ دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا قىلغان سۆزىدە بۇ قېتىملىق زىيارىتىنى «پرېزىدېنت ترامپنىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت،» دەپ كۆرسەتكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پومپېيو بىلەن بىرلىكتە يولغا چىققان بىر قىسىم تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە مايك پومپېيونىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا چېتىلىدىغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە بىۋاسىتە رىقابەت ئېلان قىلىشنى ئەمەس، بەلكى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە باشقا بىر تاللاش ئىمكانى يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېگەن. 

دەرۋەقە، مالايشىيانىڭ يېقىندا سايلانغان باش مىنىستىرى ماھاتىر ئىلگىرىكى باش مىنىستىر تەرىپىدىن خىتاي بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىملەرنى بىكار قىلغان. ئۇ خىتاي شېركەتلىرى مەبلەغ سالغان 14 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى كېلىشىمىنىڭ مالايشىياغا زىيانلىقلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ كېلىشىملەرگە قايتا قاراپ چىقىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ قېتىملىق سەپىرىدە يەنە سىنگاپور ۋە ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.