پۇتىن ئالماسبېك ئاتامبايېفقا ئوردېن تەقدىم قىلدى
2016.09.18
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېفنىڭ رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچىلىك ۋە كۆپ پىلانلىق ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشكە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنى رۇسىيىنىڭ ئالىي «ئالېكساندىر نېۋسكىي ئوردېنى» بىلەن مۇكاپاتلىغان.
شەنبە كۈنى پۇتىن ئۆز قولى بىلەن مەزكۇر ئوردېننى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرى يېنىدىكى پرېزىدېنت سارىيى ئالارچىدا ئاتامبايېفقا تەقدىم قىلغان.
16 - سېنتەبىر كۈنى بىشكەكتە قىرغىزىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىق خاتىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر مۇراسىمغا پەقەت رۇسىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، بېلارۇسىيە، ئازەربەيجان، ئەرمىنىيە قاتارلىق 6 دۆلەت ئالىي رەھبىرى كەلگەن، باشقا دۆلەتلەر بولسا باش مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەكىللىرىنى ئەۋەتكەن ئىدى. نۆۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قۇرۇلغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ رولىنىڭ بارغانسېرى تارىيىۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا. پۇتىن بىشكەككە ئىككى كۈنلۈك زىيارەت بىلەن كەلگەن ئىدى.
ھازىر قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقچىسى ئىكەنلىكى مەلۇم. بىشكەك شەھىرى يېنىدىكى كانت رايونىدا رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسى بازىسى ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماتقا.
قىرغىزىستان يەنە،خىتاي بىلەنمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە زىچ ھەمكارلىقنى داۋالاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە سودا - ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.