خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە خىتاينىڭ قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 4 نەپەر ھۇجۇمچى پارتكوم قورۇسىغا ئاپتوموبىل بىلەن بېسىپ كىرگەن ۋە بومبا پارتلاتقان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھۇجۇمدا خىتاي تەرەپتىن بىر كىشى ئۆلگەن، 3 كىشى يارىلانغان؛ ھۇجۇمچىلار نەق مەيداندا خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان. خىتاي ئاخباراتىدا ۋەقە گۇماندارلىرىنىڭ كىملىكى، مەقسىتى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
ئادەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر قارشىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رابىيە خانىم ئىلگىرىكى بۇ خىل ۋەقەلەر ھەققىدىكى باياناتلىرىدا، «ۋەقەگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقى، چۈنكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆز ئىرادىسىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادىلەشكە ھېچقانداق بىر پۇرسەت بېرىلمىگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنكىسى ئۇيغۇر رايونىدا چېن چۈەنگو تەختكە چىققاندىن بۇيان يۈز بەرگەنلىكى سىرتقا ئاشكارىلىغان ئىككىنچى چوڭ قانلىق ۋەقەدۇر. ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا يەنى چېن چۈەنگو ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆي تەكشۈرۈش داۋامىدا گەمىدىكى بىر بومبا پارتلاپ ئۆلگەن ئىدى.