خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 4-ئاپرېل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان تۆت ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن نارسىدە قىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، 13 ياشلىق بۇ قىز ئاپىسى بۇخەلچەم ئابلا بىلەن بىرلىكتە مەككە شەھرىدە پەيشەنبە كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. مەككە شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ پات يېقىندا باشقا ئىككى ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قايتۇرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇخەلچەم ئابلا 2020-يىلى نويابىردا سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتقۇن قىلىنغان نۇرمەمەت روزىنىڭ ئايالى بولۇپ، نۇرمەمەت ۋە ھەمدۇللا ۋەلى ئىككى يىلدىن بېرى ئىزچىل تۇتقۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لىن مالۇف (Lynn Maalouf) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇرلار ھازىر قاباھەتلىك زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلاردىكى جىسمانىي قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ تۇتقۇن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ئۇلارنى قاراپ تۇرۇپ ئوتقا ئىتتىرگەنلىكتۇر،» دېگەن. شۇنىڭدەك سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرىشىغا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسى بولغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرمەمەت روزى يېقىندا بۇخەلچەم بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىدە «مېنى ساقچىلار خىتايغا قايتۇرىمىز، دەيدۇ. مەن ئۇلارغا ‹خىتايغا قايتۇرۇلغىنىمدىن مۇشۇ يەردە ئۆلۈپ كەتكىنىم ئەلا، دېدىم› دېگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ يېقىندا جىددە شەھرىدىكى تۈرمىدىن رىياد تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېلىنىشىمۇ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىدىن بىشارەت، دەپ قارالماقتا ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقە ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئېشىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئوخشىمىغان خەلقئارا سورۇنلاردا ئاشكارا ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىنى «تېرورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە» دەپ ماختاپ كەلمەكتە ئىكەن.