قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-12
Share

قازاقىستاننىڭ پاۋلودار شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر قازاقىستان كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇش رۇخسەتنامىسىنى بىكار قىلىشى سەۋەبلىك خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. «ئازاتلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاۋلودار شەھرىدىكى رايۇنلۇق كۆچمەنلەر ساقچسىسى بۇ ئۇيغۇرنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇش رۇخسەتنامىسىنىڭ قانۇنسىز تارقىتىلغانلىقى، ئۇنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئىسمائىل ئوبۇلقاسىم ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتى ئالماگۈل باھرالىنوۋا رايونلىق كۆچمەنلەر ساقچىسىنىڭ 10-نويابىر كۈنى ئىسمائىل ئوبۇلقاسىمنىڭ پاسپورتى بىلەن قازاقىستاندا تۇرۇش رۇخسەتنامىسىنى ئېلىپ كەتكەنلىكى، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئارقىدىن ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، نۇرسۇلتان كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بۇ رۇخسەتنامىسى ئىسمائىل ئوبۇلقاسىمغا قانۇنسىز تارقىتىلغانلىقى، ئۇنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ، ئىلى تەۋەسىدىن قازاقىستانغا كېلىپ پاناھلانغان كىشىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق تەھدىتكە ئۇچرىشى ئەمەس.

قازاقىستان دائىرىلىرى بۇرۇنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن قېچىپ كېلىپ پاناھلىق سورىغان پۇقرالارغا بۇنداق توسقۇنلىقلاردا بولغان. ئادۋوكات ئالماگۈل باھرالىنوۋانىڭ «ئازاتلىق رادىيوسى» غا ئېيتىشىچە، قازاقىستاندا قانۇنلۇق ئولتۇراقلاشقان بىرسىنىڭ رۇخسەتنامىسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق يەكۈن چىقىرىش ھەمدە ھۆججەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىش كېرەك ئىكەن. بىراق ئۇ كۆچمەنلەر ساقچىلىرىنىڭ «سىز بۇ سوئالنى نۇرسۇلتاندىن سوراڭ، بىز پەقەت رۇخسەتنامىنى قايتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك،» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ساقچى دائىرىلىرى ئىسمائىل ئوبۇلقاسىمنىڭ خىتايغا قايتىش ئۈچۈن بىر ئايلىق مۆھلەت بەرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت